24 سائەت توختىماي چارلىيالايدىغان، پەلەمپەيگە يامىشىپ چىقالايدىغان، توسالغۇدىن ئارتىلىپ ئۆتەلەيدىغان ماشىنا ئىت؛ يولنى ئۆز ئالدىغا پىلانلىيالايدىغان، يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى 280 كىلوگىرامغا يېتىدىغان ئادەمسىز چارلاش ئاپتوموبىلى؛ 5G تورى ئارقىلىق ئاپتوماتىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئادەمسىز چارلاش كېمىسى...
يېقىندا ماشىنا ئىت، ئادەمسىز كېمە، ئادەمسىز ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ساقچى شۆبە ئەترىتى تۇنجى قېتىم ۋۇجېندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ چارلاش، ئامانلىق قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ماسلاشتى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制:阿尔帕提·玉山江
翻译、视频:奴孜古力·依米尔
微信编辑:奴孜古力·依米尔
www.uycnr.com