دىققەت! دورا يېگەندە بۇ مېۋىنى يېمەڭ!

时事   2024-11-19 19:01   北京  

يېقىندا 50 ياشلىق لىن خانىم غەلىتە بىر ئىشقا يولۇقتى، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ بېشى قېيىپ يېتىۋالغۇسىلا كېلەتتى، لېكىن باشقا چاغدا ياخشى بولۇپ قالاتتى، بۇ زادى قانداق ئىش؟
لىن خانىم مۇشۇنداق گۇمان بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدى، دوختۇر ھەرىكەتلىك قان بېسىمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. دوختۇر دىياگنوز قويۇش جەريانىدا، لىن خانىم ئۆزىنىڭ كۈندە قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسى يەيدىغانلىقى ھەمدە يېقىنقى بىر ھەپتىدە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر يوۋزى يېگەنلىكىنى ئېيتتى. دوختۇر لىن خانىمدىكى مەسىلىنىڭ دەل ئۇ يېگەن يوۋزىدىن چىققانلىقىنى پەملىدى. چۈنكى يوۋزى تەركىبىدە كالىي ئېلېمېنتى بار، كالىي قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى تەبىئىي دورا. ئەگەر ئىككىسىنى بىللە يېسە، دورىنى كۆپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

يوۋزى «گەنجۈ ئائىلىسى»دىكى داڭلىق مېۋە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، بولۇپمۇ «ئۈچ يۇقىرى» ئاساسىي كېسىلى بار بىر قىسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇنى قەنت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، دەپ كۆپ يەيدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن خەتەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.




ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جاسۇسلار يوچۇقتىن پايدىلىنىپ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىدى

ياپونىيەدە سەككىز ياشلىق قىزچاق توكچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى




来源:中央广播电视总台

监制|艾司哈尔·图送

翻译|古丽拜克拉木·穆合塔尔

视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯




www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章