دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 21-نويابىر كەچتە بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە كاسابلانكادا تېخنىكىلىق توختىدى.
ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ماراكەشنىڭ تەخت ۋارىسى ھەسەن، باش ۋەزىر ئاخېنۇش مەخسۇس ئايرودۇرۇمغا بېرىپ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئايرودۇرۇمدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى ھەسەن بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى ھەسەن ئارقىلىق مۇھەممەد Ⅵ گە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماراكەش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى جانلىنىۋاتىدۇ. 2016-يىلى، پادىشاھ مۇھەممەد Ⅵ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-ماراكەش مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو ماراكەشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ماراكەش بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو ماراكەش بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو-ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.
ھەسەن پادىشاھ مۇھەممەد Ⅵنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ماراكەش بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە ماراكەشنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ماراكەش خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ماراكەش خان جەمەتى ۋە ھۆكۈمىتى ماراكەش-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتى ماراكەش خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماراكەش بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ماراكەش جۇڭگو بىلەن بىر بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى»
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.
(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
校对|帕提古丽买买提
翻译|伊明司马义
视频、微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com