شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

时事   2024-11-22 10:25   北京  


شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 20-نويابىر كەچتە بىرازىلىيەدە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا ئۆتكۈزگەن كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، زۇڭتۇڭ لۇلا ۋە بىرازىلىيە خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ رەھبەرلىكىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنى دېڭىز-ئوكيان ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ ئەزەلدىن بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىش، يېقىن ئۆتۈش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمىدى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ھەم روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەم ئۆزئارا ئىناق، ئارىلىشىپ ئۆتىدۇ. ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە بولۇش بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىنتىلىشى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتانى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدۇق. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر ئىچكى مەزمۇنى ئاتا قىلىنىپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچ ۋە كەڭ ئىستىقبال نامايان قىلىندى. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن پەخىرلىنىشكە ئاساسىمىز بار. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا زور ئۈمىد باغلاشقا ئىشەنچىمىز كامىل. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو بىرازىلىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىلى»نى باشلاشنى خالايدۇ.

لۇلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن مەن شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى. بىز خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردۇق. بىرازىلىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە، بولۇپمۇ 100 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىغا يۈكسەك قايىل. رەئىس شى جىنپىڭ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئۇرۇش قىلماي  تىنچ ئۆتۈش، قارشىلاشماي ھەمكارلىشىش، بۇزغۇنچىلىق قىلماي ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ، دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ يولى ئارقىلىق تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تالاش-تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىرازىلىيە-جۇڭگو بىرلىكتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرازىلىيە-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|伊明司马义

翻译|帕提古丽买买提

视频、微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章