ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابېنتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا 10 ئادەم بۇ كېلىشىمنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، بىر ئادەم قارشى تۇرغان.
نېتانياخۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە مۇكەممەل ھەربىي ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئەگەر لىۋان جېنجۇداڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لىۋان-ئىسرائىلىيە چېگرا رايونىدا قايتىدىن قوراللىق كۈچ تەشكىللىمەكچى بولسا، ئىسرائىلىيە قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئىسرائىلىيە جېنجۇداڭنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىشىغا قوراللىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى جېنجۇداڭغا باغلىق.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
45 ئادەم ئولتۇرغان ساياھەت پاراخوتى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى
来源:中央广播电视总台
监制|库尔班妮莎
翻译|古丽拜克拉木·穆合塔尔
视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com