شى جىنپىڭ لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

时事   2024-11-27 10:46   北京  

شى جىنپىڭ سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ لى شيەنلۇڭنىڭ سىنگاپور زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە سىنگاپورنى يېتەكلەپ  كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەم جۇڭگو-سىنگاپور ھەمكارلىقىغا ئۇزۇن مۇددەت كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر بىز جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئەتراپلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل-سۇجۇ سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدا، سۇجۇ سانائەت باغچە رايونى «كۆلچەك ئازگىلى»دىن «يېڭىلىق يارىتىش شەھەرچىسى»گە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى تىكلىدى شۇنداقلا سىنگاپورنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنىڭ گۇۋاھچىسى بولدى. 
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگو زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياخشىلىنىشىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى بار. جۇڭگو سىنگاپورنىڭ داۋاملىق جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، رەقەملەشكەن، يېشىللاشقان تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سىنگاپور ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىنى قارشى ئالىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. خېيىم-خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىش-ھەمكارلىشىش، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش-دۇنيادىكى توغرا يول. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىش ئېقىمىغا ماسلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداپ، گۇرۇھ قارشىلىشىشى، بۆلگۈنچىلىك، قارشىلىشىشنى توسۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
لى شيەنلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 3-ئايدا مەن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى ئەتراپلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدۇق. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىلىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سۇجۇ سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرچىگە ئايلىنىپ، سىنگاپور-جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىغا ئايلاندى شۇنداقلا دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو  زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، سىنگاپور جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىدۇ. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەر يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتا، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىققا كۈچ چىقىرىپ، خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، رايون ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章