شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

时事   2024-11-28 10:52   北京  

شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-نويابىر يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش. تۈپ چىقىش يولى-«ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساس، شەرقىي ئېرۇسالىم پايتەخت قىلىنغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، قايتىش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، «بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىننىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئۇرۇش ئوتىنى ئۆچۈرۈش، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا تەڭ تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ غەززە خەلقىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى قوللاپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» توغرا يولىغا قايتىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزۇن مۇددەت ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章