45 ئادەم ئولتۇرغان ساياھەت پاراخوتى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى

时事   2024-11-26 18:58   北京  

مىسىر قىزىل دېڭىز ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 25-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، 45 ئادەم ئولتۇرغان بىر ساياھەت پاراخوتىنىڭ ئالەم پورتىغا يېقىن قىزىل دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ ئالدىدا مىسىر ھۆكۈمىتى پاراخوتتا 45 ئادەم بارلىقى، 28 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، 17 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق شۇ كۈنى كەچتىكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا، ۋەقە يۈز بەرگەندە پاراخوتتا 45 ئەمەس 44 ئادەمنىڭ بارلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 13 كىشىنىڭ مىسىرلىق، 31 كىشىنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، مىسىر قىزىل دېڭىز ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئامىر قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنى يوقلىغاندىن كېيىن، پاراخوتتىكى ساياھەتچىلەر ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە پاراخوت تۇيۇقسىز كۈچلۈك دولقۇنغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن، پاراخوت بۆلمىسىدىكى بىر قىسىم ساياھەتچىلەر ۋە پاراخوت خادىملىرى ۋاقتىدا قېچىپ چىقالمىغان، دېدى.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.






ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بالىڭىز كىيىۋاتقان مامۇق چاپان ساختا بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئايرودۇرۇمىغا قونغان بىر ئايروپىلانغا ئوت كەتتى







来源:中央广播电视总台

监制|艾司哈尔·图送

翻译视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔




www.uycnr.com



中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章