شى جىنپىڭ ساموئا زۇڭلىسى فىئامې بىلەن كۆرۈشتى

时事   2024-11-27 10:46   北京  

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى فىئامې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساموئا تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي، بىردەك باراۋەر بولۇشنى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو ساموئانىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ساموئا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە ساموئانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيلىكتە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە قارىتا «تۆتتە تولۇق ھۆرمەت قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشتە سىياسىي شەرت قويمايدۇ، باشقىلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ، «قۇرۇق ۋەدە» بەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، شەخسىي غەرىزى يوق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتمايدۇ،  رايون تالاش-تارتىشى ۋە تەسىر كۈچ دائىرىسى ئۈستىدە ھەپلەشمەيدۇ. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئالدىنقى ھەمكارلىق ساھەسى قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىنى قوغداپ، ئادىل، ھەققانىيلىقنى ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
فىئامې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ،  يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ساموئا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ساموئاغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ساموئا جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىشتە ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىغانلىقىنى، ئەزەلدىن  قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ساموئا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. ساموئا جۇڭگونى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى دەپ قارايدۇ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتە.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ساموئا مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.





来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿布都拉·毛拉

翻译|阿地力·阿布来提

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章