«بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى نەشر قىلىندى

时事   2024-11-26 10:31   北京  


«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەرجىمە-تەھرىرلىك نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»نى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە نۇسخىسى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ماڭغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شەكلى، نامايان قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىنى كۈچەيتىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، تەڭ گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿布都拉·毛拉

翻译|阿地力·阿布来提

视频、微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章