«شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» تارقىتىلدى

时事   2024-11-25 12:30   北京  

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ھەربىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» يېقىندا پۈتۈن ئارمىيەگە رەسمىي بېسىپ تارقىتىلدى.
«ئۈزۈندىلەر»نىڭ مەزمۇنى يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدىن 2024-يىلى 6-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزلىرى، دوكلاتلىرى قاتارلىق مۇھىم ماقالىلىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن ھالدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئۈزۈندىلەر»نى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاش تەلىپى بويىچە، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى سىستېمىسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ «ئۈزۈندىلەر»نى ئۆگىنىشنى پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە كىرگۈزۈپ، كادىرلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش، نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى مەخسۇس ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، دىققەتنى «پارتىيەگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولۇش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش» ناملىق تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام پارتكوم، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىپ، قىسىمغا بولغان تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى قانۇنچىللىقنى تەڭ بەرپا قىلىش، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، قانۇنچىللىقنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارتكوم قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەيدىغان، ئورگان قانۇن بويىچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، قىسىم قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرىدىغان ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇشتا ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە ھەربىي قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章