يېقىندا، توردا «ۋۇخەندىكى قىسمەن مەكتەپلەر قىشلىق، يازلىق تەتىللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى سىناق قىلىدۇ» دېگەن خەۋەر تارقىلىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، «بۇ راستمۇ-يالغانمۇ؟»
25-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ۋۇخەن شەھەرلىك قىزىل گالىستۇك مەكتىپىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى خۇ مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلەشتى، خۇ مۇئەللىم «قىشلىق، يازلىق تەتىللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا» ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقى، نورمال ئوقۇتۇش سۈرئىتى بويىچە دەرس ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى، 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بالىلارنىڭ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن مۇخبىر ۋۇخەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدى، بۇ ئىدارە تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ بىر مەسئۇلى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەر ئېنىقلا يالغان، دېدى. مۇخبىر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى قىشلىق تەتىللىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغاندا، بۇ خىزمەتچى: «ھازىرچە بۇنداق ئىش يوق» دەپ جاۋاب بەردى.
2021-يىلى جەمئىيەتتە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىللىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن» دېگەن گەپ چىققان، ئەينى چاغدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ «بۇ گەپنىڭ ئاساسى يوق» دېگەن ئىدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制|艾司哈尔·图送
翻译、视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔地
www.uycnr.com