شىنجاڭدا قار كۆچكۈنى تاغ جىلغىسىنى يۇتۇۋەتتى

时事   2024-11-23 19:02   北京  

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى مۇزلۇق باغچىسى مەنزىرە رايونىدىكى سىنكۆز 21-نويابىر سائەت 18دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە شۇ جايدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قار كۆچكۈنىنىڭ ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈشىنى خاتىرىلىۋالدى.

ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن قار قارلىق تاغ چوققىسىدىن سىيرىلىپ قار كۆچكۈنى ھاسىل قىلغان، قار كۆچكۈنىدە قار دۆۋىسىنىڭ ئۇدا سىيرىلىپ چۈشۈشى بىلەن، قار مىقدارىمۇ تەدرىجىي كۆپىيىپ، نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى «قار تېمى» شەكىللىنىپ، بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، پۈتۈن تاغ جىلغىسىنى «يۇتۇۋەتكەن».

 ئىگىلىنىشىچە، قار كۆچكۈنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئادەمسىز رايوندا يۈز بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەتچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىن يىراقراق بولغاچقا، ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان. بۇ قېتىم قار كۆچكۈنى يۈز بەرگىنى كوئىنلۇن تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان ئايلانىش قارلىق تېغى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 6678 مېتىر ئېگىز، تاغ چوققىسى يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، يېقىندا مەنزىرە رايونىدا يەنە قار ياغقاچقا، قارنىڭ بەك قېلىن بولۇشى بۇ قېتىمقى قار كۆچكۈنىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.




ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

763 جىنايەت گۇماندارى دۆلىتىمىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى

نېتانياخۇ ۋە گاللانتنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

شىنجاڭدا قانچە خىل قېزىلما بايلىق بار؟




来源:中央广播电视总台

监制|艾司哈尔·图送

翻译|古丽拜克拉木·穆合塔尔

视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔




www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章