قىش كىرىشى بىلەن مامۇق چاپان، مامۇق يوتقان قاتارلىق مامۇق بۇيۇملارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ قالدى، ئەمما بىر قىسىم «ساختا مامۇق بۇيۇملار» توردا ۋە تور سىرتىدا تېز يامرىماقتا.
مۇخبىر جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىدىكى قىزىل يۇلتۇز ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش رايونىغا كەلدى، بۇ يەرگە يۈزدىن ئارتۇق مامۇق كىيىم-كېچەك كارخانىسى توپلاشقان ئىدى.
بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇلار ساتقان بالىلار كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان بولۇپ، تەننەرخى تۆۋەن ئىكەن، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ، يۈرۈشلۈك سۈپەت تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى مۇشۇ بازاردىلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
شۇ جايدىكى بىر بالىلار كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ دۇكان يېقىنقى ئىككى ئايدىلا بالىلارنىڭ ساختا مامۇق كىيىم-كىچىكىدىن 60 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇقنى ساتقان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بۇ خېنەنلىك يىگىت ئەسلى شىنجاڭدىن بېقىۋېلىنغان...
سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى جىددىي ئەھۋالغا يولۇقتى
来源:中央广播电视总台
监制|艾司哈尔·图送
翻译、视频|艾尼瓦尔·艾尔肯
微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔地
www.uycnr.com