تۈركىيە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 24-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئازىمۇس ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى سائەت 21 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە ئايرودۇرۇمىغا قونغاندىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ سول ماتورىغا ئوت كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 89 يولۇچى ۋە 6 ئايروپىلان خادىمى دەرھال تارقاقلاشتۇرۇلدى، ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى، ئايرودۇرۇمنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئوتنى دەرھال ئۆچۈرۈۋالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق ئايروپىلان سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ سوچىدىن تۈركىيەنىڭ ئانتالىيەگە قاراپ ئۇچقان. ئايروپىلان قونغاندا ئانتالىيەدە قار يېغىۋاتقان بولۇپ، ھاۋا رايى ئايروپىلاننىڭ قونۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بۇ خېنەنلىك يىگىت ئەسلى شىنجاڭدىن بېقىۋېلىنغان...
سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى جىددىي ئەھۋالغا يولۇقتى
来源:中央广播电视总台
监制|艾司哈尔·图送
翻译、视频|米克丽古丽·胡达白尔地
微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔地
www.uycnr.com