ئېلىمىز 2022-يىلى شېنجۇ 14-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلغان مەزگىلىدە ئېرىشكەن پىشىپ بولغان ئالەم بوشلۇقى شال ئۇرۇقى يېقىندا چوڭ ئېتىزلاردا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىپ مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى شال سورتىنىڭ يەر يۈزىدە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
شاڭخەينىڭ سۇڭجياڭغا جايلاشقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلا ئۆسۈملۈك ئىلىمى ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ زىرائەت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش بازىسىدا، تېرىلغان ئالەم بوشلۇقى شال سورتى 100 نەچچە كۈن ئۆسكەندىن كېيىن، شال باشىقى ئاساسىي جەھەتتىن سارغىيىپ پىشتى، پات ئارىدا ئۈچىنچى ئەۋلاد «ئالەم بوشلۇقى شال سورتى» يىغىۋېلىنىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، پىشقان ئالەم بوشلۇقى سېرىق شال باشىقى بىلەن ئادەتتىكى شال باشىقىنىڭ روشەن پەرقى يوق.
2022-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ بوشلۇق پونكىتىدا ئېلىپ بېرىلغان 120 كۈنلۈك شال تەجرىبىسى خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئوربىتىدا تاماملانغان شالنى «ئۇرۇقتىن ئۇرۇققىچە» پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە يېتىشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.
شال ئۇرۇقىنى تاللاش، ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەكلىك مۇھىتنى ھازىرلاش ئارقىلىق، نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ئالەم بوشلۇقىدا شال تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلدى
ئىسپانىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئىككى جۇڭگو پۇقراسى قازا قىلدى
来源:中央广播电视总台
监制|库尔班妮莎
翻译、视频|米克丽古丽·胡达白尔地
微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔地
www.uycnr.com