شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

时事   2024-11-09 11:15   北京  


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-نويابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى سېرگىئو ماتتارېللانىڭ ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. 

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

ماتتارېللاغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلەردىن مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار بار. 

ھەربىي ئوركېستىر ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. 

ماتتارېللا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. 

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە قايتىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى. 

ماتتارېللا شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.  

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماتتارېللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق تۈگىتىشى، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق توقۇنۇشتىن ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئاساسىي رېڭى بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئىتالىيە ھۆكۈمەتلىرى كومىتېتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى داۋاملىق چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئۆزئارا قوللايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو-ئىتالىيە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئىجرا پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت-سەنئەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارا ھەمكارلىقنى جۇڭگو-ئىتالىيە ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تىل ئوقۇتۇشى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ كۆپ ماركوپولولارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشىنى قوللاپ، پەن تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، پاكىز ئېنېرگىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككى چوڭ تىنچ، ئىجابىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى ئىككى تەرەپكە، دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگو ياۋروپانى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھ قىلىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە  بولۇشقا تېگىشلىك پىشىپ يېتىلىش ۋە مۇقىملىقنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، ئىتالىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

ماتتارېللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىم ھەمدە 2019-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغاندا كۈتۈۋالغان چاغدىكى مەنزىرە ھېلىمۇ ئېسىمدە. بۇ يىل ماركوپولۇ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 700 يىللىقى، ماركوپولونىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىتالىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ گىرەلىشىپ نۇر چاچقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق بىللە تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا موھتاج. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو مەدەنىيەت، مائارىپ، تىل ئوقۇتۇشى، مەدەنىي مىراسلار ئارا دوستلۇق ئورنىتىش قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئىتالىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىتالىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيەنىڭ  نۇرغۇن  زور مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن مەيدانى يېقىن بولۇپ، ئىككىلا تەرەپ قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى، ئىجابىي ئالاقە ۋە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىتالىيە جۇڭگو  بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتالىيە-جۇڭگو ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ. 

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، دۇنيا مىراسلىرى ئارا دوستلۇق ئورنىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى. 

شۇ كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا زۇڭتۇڭ ماتتارېللا ۋە قىزى لاۋرانى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|帕提古丽买买提

翻译|伊明司马义

视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章