ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

时事   2025-01-29 12:05   北京  


ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


باش شۇجى شى جىنپىڭ ئائىلە ئىشى، دۆلەت ئىشى، دۇنيانىڭ ئىشى، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ، ھال-ئەھۋال سوراپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كۆپچىلىككە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى.  باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. 

لياۋنىڭ ئۆلكىسى خۇلۇداۋ شەھىرى سۈيجۇڭ ناھىيەسى مىڭشۈي مانجۇ يېزىسى جۇجياگۇ كەنتىدىكى ۋاڭ باۋۋېي ئائىلىسىدىكىلەر ئەتىگەندىلا جۇۋاۋا تۈگۈش، پۇرچاق مانتىسى ئېتىش، چاغانلىق تاماق تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ۋاڭ باۋۋېي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىللىپ كەتتى. ۋاڭ باۋۋېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەتتىن كېيىن قايتا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى، يۇرتداشلارنىڭ رازى بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغاندا كۆڭلۈم ئىللىپ كەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىپ، ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا  ئىشەنچىمىز بار. 

بۇلتۇر 8-ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇلۇداۋ شەھىرى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى. تاغلىق رايونغا جايلاشقان، يەر شەكلى ئويمانلىق بولغان جۇجياگۇ كەنتى ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كەنتلەرنىڭ بىرى. 9-ئاينىڭ بېشىدا كەلكۈن يانغاندىن كېيىن، كەنتتىكى ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان 41 ئائىلىگە باشقا جايغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىلدى. ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، «جۇجيا يېڭى كەنتى» قەد كۆتۈردى. قىش كىرىشتىن بۇرۇن كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. 

يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتكە بېرىپ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز خەلقنى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ كەلدۇق، خەلق ئاممىسى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپچىلىككە ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈك بولىدۇ.  سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇرت-ماكانىڭلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىڭلارغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ». 

ھازىر جۇجياگۇ كەنتىدە ھەممە ئائىلە پانۇس ئېسىپ، مەسنەۋى چاپلىدى، كەنت قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمدى. جۇجياگۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىلى مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، مەن يۇرتداشلار بىلەن بىللە كەنتتىكى مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈپ ۋە يېزا-كەنت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى  بارغانسېرى كېڭەيتىپ، باش شۇجىنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرىمەن. 

ئېغىر ئاپەت، چوڭ سىناقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىگە گۇۋاھ بولدى. بۇ يىل 7-يانۋار شىزاڭنىڭ رىكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. 

كۆپ تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھازىر دىڭرى ناھىيەسى چاڭسو يېزىسى، سوگو يېزىسى، چۈلو يېزىسىدىن ئىبارەت ئاپەت ئېغىر بولغان ئۈچ يېزىدىكى ئاممىنىڭ ھەممىسى قۇراشتۇرما ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. رىكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى باساڭ لوبۇ مۇنداق دېدى: ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ چاغاننى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ھازىر بىز ئاممىغا چاغانلىق نۇرغۇن بۇيۇملارنى تەييارلىدۇق، بولۇپمۇ ھازىر بىر قەدەر قىس بولۇۋاتقان گۆش، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تەييارلىدۇق.

چاغان مەزگىلىدە تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونى شىنكۇ بازىرى دىليۇبۇ كەنتى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ كەنتكە بېرىپ يوقلاپ، ھال سوراپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇلتۇردىن بۇيان، دىليۇبۇ كەنتى سۇ ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىھە، يوللارنى رېمونت قىلىشنى تېزلىتىپ، تېرىقچىلىق يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كۆكتات، شال مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. دىليۇبۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى خاۋ چىڭچى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، دىليۇبۇ كەنتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىز تېرىغان بارلىق مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنماي تۇرۇپلا، ئېلىپ كېتىلدى. باغچە رايونىنىڭ كىرىمى ئەسلىدىكى نوقۇل تېرىقچىلىقتىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولدى. 

2024-يىلى، دىليۇبۇ كەنتى 60 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگەنگۈچى ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىنى كۈتۈۋالدى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 15 مىليون يۈەنگە يەتتى. كەنتتە يەنە «دىليۇبۇ بىر تۇتاش كۆكتات سېتىش» سۇپىسى قۇرۇلۇپ، «ئىدارىلەر سېتىۋېلىش، مەھەللىلەر كوللېكتىپ سېتىۋېلىش»تەك سېتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، «بايلىق يارىتىش ھۆنەرخانىسى» بەرپا قىلىندى. دىليۇبۇ كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خاۋ چىڭشۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. خاۋ چىڭشۈي مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، دىليۇبۇ كەنتى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېزا  ئىگىلىكى ھالىتىنى داۋاملىق بېيىتىپ، ئېكولوگىيەلىك دىليۇبۇ مەنزىرە رايونى سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دىليۇبۇ كەنتى مول سېلىنلىق كۆكتات ماركىسى تىجارەت مەركىزى قۇرۇپ، «بېيجىڭ-تيەنجىن كۆكتات بىرىنچى كەنتى» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرىدۇ.  






来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

翻译|伊明司马义

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章