5-يانۋار، مەملىكەت بويىچە پويىزلارنىڭ قاتناش لىنىيەلىرى تەڭشەلدى، چېگرا ھالقىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش سانى يەنىمۇ كۆپەيدى، شياڭگاڭنىڭ غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالىدا ئىچكى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پويىزى 212 گە، ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى قاتارلىق توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە كۆپ بولغاندا 254 كە يەتتى.
بۇ قېتىملىق تەڭشەشتىن كېيىن، بۇ يىللىق چاغانلىق قاتناشتا شياڭگاڭنىڭ غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالىدىن ۋۇخەن، شىئەن، جيېياڭ، شەنۋېيغا بارىدىغان پويىزلار قاتناشقا باشلىدى، شياڭگاڭدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز 93 كە كۆپىيىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەر ھەم گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خۇنەن، خۇبېي، سىچۇەن، جياڭشى، جېجياڭ قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەرنى قاپلىدى، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭلىق يولۇچىلار مەيلى يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىسۇن ياكى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلسۇن تېخىمۇ قولايلىق بولدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
نۇرغۇن دۆلەتتە چاغانلىق كەيپىيات ئەۋج ئالدى
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
翻译、视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|伊力都斯·亚森
www.uycnr.com