ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى

时事   2025-01-24 11:06   北京  


«يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلايلى» ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئاتموسفېرا مۇھىتى، سۇ مۇھىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى نىشان-ۋەزىپىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلقنىڭ ئەڭ زور بەخت-سائادىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش جېڭىنى پۇختا، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى.

بېيجىڭ ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھاۋا سۈپىتى بەك ياخشى، ھازىر ئاسمان بەك سۈزۈك، بەك كۆك، بەك پاكىز، بىر قاراپلا شىشەن تېغىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى ھاۋا ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدا، بېيجىڭ شەھىرى كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «بىر مىكرو گىرام» ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ پەسىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ۋاقىت بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، ھاۋا سۈپىتىنى دەل جايىدا تۈزىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ئاتموسفېرا مۇھىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شيې جىنكەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ 4-دەرىجىلىك بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن كونا يۈك ئاپتوموبىلى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش قاتارلىق مەبلەغلەرگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالدىن يول يۈرۈشى قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ «ماينى توكقا ئالماشتۇرۇش»، «ماينى ھىدروگېنغا ئالماشتۇرۇش»نى تېز ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاپتوموبىللار ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نىسبىتى ئۇدا ئالتە ئاي %50 تىن ئاشتى.

2024-يىلى، دۆلىتىمىز بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك جەڭلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى يىللىق تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەشۋىقات-تەربىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى پېي شياۋفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى جەھەتتە، 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردە ئۆپكىگە ئاسان كىرىپ كېتىدىغان ئۇششاق دانچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 29.3 مىكروگرام/كۇب مېتىر بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 تۆۋەنلەپ، ئۇدا بەش يىل مۇقىم ئۆلچەمگە يەتتى.

پېي شياۋفېي مۇنداق دېدى: 2024-يىلى، مەملىكەت بويىچە ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %87.2كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پوئىنت ئاشتى؛ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %0.9 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پوئىنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆپكىگە ئاسان كىرىپ كېتىدىغان ئۇششاق دانچىلارنىڭ قويۇقلۇقى 30.5 مىكروگرام/كۇب مېتىر بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 تۆۋەنلىدى، ھاۋا ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %79.2كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.0 پوئېنت ئاشتى.

سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭى جەھەتتە، ئېلىمىز سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، گۈزەل دەريا، كۆل، گۈزەل دېڭىز قولتۇقىنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 2024-يىلى مەملىكەت بويىچە سۈپىتى ياخشى بولغان يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈز نىسبىتى %90.4كە يېتىپ، تۇنجى قېتىم %90تىن ئاشتى؛ قىرغاققا يېقىن دېڭىز ساھىلىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى %83.7 بولۇپ، «14ـ بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. چاڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىدا ئۇدا بەش يىل، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىدا ئۇدا ئۈچ يىل پۈتۈن لىنىيەدىكى سۇ سۈپىتى مۇقىم 2-تۈر سەۋىيەسىدە تۇردى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن توختاپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان تەيخۇ كۆلى ساياھەت پاراخوتى شەھەر ئاتلاپ ساياھەت قىلىشنى قايتا باشلىدى. ساياھەتچىلەر ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، جياڭسۇنىڭ ۋۇشى بىلەن سۇجۇنىڭ ئارىلىقىدا بېرىپ-كېلىپ، كۆل بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. ۋۇشى شەھىرى ئاھالىسى خې گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەيخۇ كۆلىنىڭ سۈيى بارغانسېرى سۈزۈكلەشتى، ھازىر ئىنتايىن كۆپ قۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بىز ئۆزىمىزنى گۈزەل مەنزىرە رەسىمى ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

ساياھەت پاراخوتىنىڭ يەنە يولغا چىقىشى كۆپ يىللاردىن بۇيان تەيخۇ كۆلىنى تۈزەش جېڭىنىڭ قەتئىي ياخشى قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تەيخۇ كۆلى چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسى، ئەمما ئىلگىرىكى يىرىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى تەيخۇ كۆلىنى ئېغىر بۇلغىغان ئىدى. 2007-يىلى تەيخۇ كۆلىدە كۆك يۈسۈن يامراپ، نەچچە يۈز مىڭ ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جياڭسۇ مەنبەدىن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، لاي-لاتقىلارنى تازىلاش،  بىخەتەر سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلاردىن جەمئىي 60 مىڭغا يېقىننى تاقىدى، تەرتىپكە سالدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەنجىڭ جۇغراپىيە ۋە كۆل تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، تەيخۇ كۆلى ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. جياڭسۇ تەيخۇ كۆلىنى تۈزەشكە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردە دادىل ئىزدىنىپ يېڭىلىق ياراتتى، شەھىرىمىزنىڭ كۆلىمى، ئىقتىسادى ئىزچىل ئاشتى، بۇ ئاسان ئەمەس، تەيخۇ كۆلى دۆلىتىمىزدىكى كۆللەرنى تۈزەشنىڭ ئۈلگىسى.

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى پەن-تېخنىكا كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر جايلار ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرىنىڭ تاڭشيەن ناھىيەسىدىكى بىر يورۇقلۇق ۋولت بازىسىدا، بىر پارچە تاشلاندۇق يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالىنىڭ يىغىۋېلىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، 90 سىكونتتىلا ئەينەك، مىس، ئاليۇمىن، باتارېيە ياپراقچىسى قاتارلىق قىممىتى بار بىرىكمە دېتال تەركىبى ئىنچىكىلىك بىلەن ئايرىپ يىغىۋېلىندى. يىغىۋېلىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىنژېنېرى تيەن خۇيلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەمدىلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن  يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالىنى يىغىۋېلىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، يىلىغا 180 مىڭ پارچە تاشلاندۇق  يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى، 29 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، بۇ 5 مىليون تۈپ كۆچەت تىككەنگە باراۋەر.

تيەن خۇيلىن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بارلىققا كەلگەن فىزىكىلىق ئۇسۇلدا يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش جۇڭگوچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەل قىلىش لايىھەسى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ساھەسىدىكى ئايلانما كەسىپلەردە يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ۋە كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بىز يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %96كە يەتكۈزدۇق.

يېقىندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى «گۈزەل جۇڭگو باشلامچى رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق «گۈزەل جۇڭگو» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى، بۇ «گۈزەل جۇڭگو» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەشۋىقات-تەربىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى پېي شياۋفېي مۇنداق دېدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو باشلامچى رايونىنى دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى. 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر تۈركۈم ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئۆزى ياراتقان گۈزەللىكتىنمۇ باشقىلار ياراتقان گۈزەللىكتىنمۇ تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان ئۈلگىلەردىن بىر نەچچىنى بەرپا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ، ئۈلگە تىكلەيمىز.





来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

翻译|帕提古丽买买提

校对伊明司马义

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章