يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرى چاغاننى دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى، بۇ ۋىيېتنام، چاۋشيەن، كورېيە، سىنگاپور، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە برۇنېي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە چاغان ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى بولۇپ قالدى. مەسىلەن، ئافرىقىدىكى ماۋرىتىئۇس، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سۇرىنام ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پانامادا ھەر يىلى چاغاندا شۇ جايدا ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى ۋە بېزەك ئاپتوموبىل سەيلىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ياۋروپادا چاغان دەم ئېلىش كۈنى بولمىسىمۇ، فىرانسىيەنىڭ پارىژ، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، ئەجدىھا، شىر ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، چاغان تەبرىكلىنىپ، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايەن قىلىنىدۇ.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تيەنجىندە چاغان ئۆتكۈزۈۋاتىمىز
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
校对 | 伊力都斯·亚森
翻译、视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|伊力都斯·亚森
www.uycnr.com