جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2025-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئەجدىھا يىلى بىز ئەجدىھا روھىنى ئۇرغۇتۇپ، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر يىل. بىر يىلدىن بۇيان، بىز مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئۆزگىرىشكە تەمكىن ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.
لى چياڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئىللىق كەيپىيات ئەۋج ئالغانىدى، ھەر ساھە زاتلىرىدىن 2000دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، نەق مەيدان خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، كۆپچىلىككە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ھال سوراشتى، چاغاننى مۇبارەكلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ساقلانما سىياسەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا تەرەققىي قىلدى. رايونلار ماس تەرەققىياتى، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى. دۇنياغا نەزەر سالساق، ئېلىمىز يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىز تۈرلۈك ئىشلارنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدۇق ۋە كېڭەيتتۇق. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، شىزاڭدىكى قاتتىق سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل رايونلاردا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇردۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. ئېلىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە چېگرا سىرتىدا قاتناشقان مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى پەخىرلەندۈردى. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردۇق، پارتىيە رەھبەرلىكى كۈچلۈك بولدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدۇقكى، ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. بىز ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمىسەكلا، چوقۇم ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى مەنزىل ئاچالايمىز!
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2025-يىلى «14-بەش» يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە، تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز «15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپ-پىكىرىنى تۈزۈپ، ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلىرىغا ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى قەلبتىن، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، يىلان زېرەكلىك، ئەقىل-پاراسەت ۋە ھاياتىي كۈچنىڭ سىمۋولى بولۇپ، مول ھوسۇل، ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەتنىڭ مەناسىدۇر. يىلان يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يىلانغا ئوخشاش يىراققا يۈرۈش قىلىش غەيرەت-شىجائىتى بىلەن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىدە ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار.
ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى»
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.
(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
翻译|帕提古丽买买提
校对|伊明司马义
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com