شىنجاڭدا قار يېغىپ بوران چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

时事   2025-01-31 16:01   北京  

شىنجاڭ ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن كۈندۈزدىن 1-فېۋرالغىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، تۇرپان شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى، شامال ئېغىزىدا 10 بالدىن 11 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان ئارىلاش قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇستىن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.




ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بۇ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

يەنە بىر «يەر شارى» بايقالدى




来源:中央广播电视总台

监制:阿尔帕提·玉山江

翻译、视频:西任古丽·托乎地

微信编辑:西任古丽·托乎地




www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章