شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىپ، 2025-يىلى تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
1. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
2. جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ
3. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
4. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ.
5. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياردىمى يولغا قويۇلىدۇ.
6. ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
7. شەھەر يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قانۇن ياردىمى بېرىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.
8. رەقەملىك خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
9. شەھەر-يېزىلاردىكى كونا ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش-ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ.
10. پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制:阿尔帕提·玉山江
翻译、视频:甫拉提·阿曼
微信编辑:甫拉提·阿曼
www.uycnr.com