ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ دەۋر نۇرىنى چاقنىتايلى

时事   2025-02-01 11:57   北京  

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدىكى خىزمەت تەكشۈرۈش سەپىرىدە، نۇرغۇن مەدەنىيەت ئىزلىرىنى كۆپ قېتىم كۆرۈپ، ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قوغداش توغرىسىدا پاراڭلاشتى؛ ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى، چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولدى.  ئەمدى «بەختنى كۆڭۈلگە پۈكۈش» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ دەۋر نۇرىنى چاقنىتايلى» دېگەن قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تيەنجىننىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا كىشىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تېتىپ باقتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
خەيخې دەرياسى بويىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ «جىنمېنگۇلى» دېگەن نامى بار. 2024-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كوچىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، ئۆزگىچە دۇكانلارغا كىردى. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى زامانىۋى چوڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا جۇلالاندۇرۇش كېرەك.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر-سەنئىتىدىن تارىخىي كوچا رايونىغىچە، تيەنجىن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ كەسىپ ھالىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، كونا داڭلىق دۇكان ۋە غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى دۇكىنىدىن 30-40 نى كىرگۈزۈپ ۋە توپلاپ، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش يېڭى يەر بەلگىسى، مەدەنىيەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلدى.
شاد-خۇراملىققا چۆمگەن جۇڭگو يىلىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پانۇسلار ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، چاغانلىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق بولدى. يۈننەننىڭ تېڭچۇڭدىكى سىمولا ۋازۇ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ياغاچ دۇمباق چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
«سىمولا» ۋازۇ تىلىدا بەختلىك جاي دېگەن مەنىدە بولۇپ، كەنت 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 2020-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنجيا كەنتى جۇڭجەي سىمولا ۋازۇ كەنتىگە بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەنت-مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىمولا ۋازۇ كەنتى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيەتنى مەۋقە قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ساياھەتچىلىكىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ۋازۇ رەسساملىقى، ۋازۇ كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۆزگىچە كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى؛ ئۆزگىچە كۈنلۈك، ياغاچ دۇمباق، ياغاچ ئويما قاتارلىق «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى» نادىر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. 2024-يىلى سىمولا ۋازۇ كەنتى 430 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى 6 مىليون 461 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 24 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، بەش يىل ئىلگىرىكىدىن بىر قاتلاندى.
ھۈنەر-سەنئەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلدى، تارىخىي ئىزنالار قوغدالدى. چاغاندا سەنشى پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىدە قويۇق چاغان پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىدى.
2800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. 2022-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سېپىلغا چىقىپ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قوغداپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،  ئۆزگىچە باشقۇرۇش، قەدىمىي شەھەرنى قوغداشنى ياخشى پىلانلاپ، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. پىڭياۋ باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوغداش سالمىقىنى زورايتىش، مەدەنىيەتكە جانلىق ۋارىسلىق قىلىش، كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش قاتارلىق تۆت چوڭ تۈر، 47 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىنى تۈزۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 137 تۈرلۈك ھۈنەر-سەنئەتنى نامايان قىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى سالدى، 72 قەدىمىي كوچىنى رېمونت قىلدى، 506 ھويلىنى ئوڭشىدى. بۇ يىل چاغاندىن بۇرۇن، پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش تۈرىمۇ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، ئىلگىرى قەدىمىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن سۇ، توك، گاز قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر تەلتۆكۈس ھەل قىلىندى. مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر كۈنسېرى يېڭىلاندى.
يېڭى بىر يىلدا، سەنشى ئۆلكىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ ۋە كەڭ تارقىتىدۇ؛ بىر تۈركۈم مۇزېيلارنى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ، سەنشى سودىگەرلىرى مەدەنىيىتى، قەدىمىي ئىمارەت قاتارلىق تارىخىي مىراسلارنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. 





来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿布都拉·毛拉

翻译|阿地力·阿布来提

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章