شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى

时事   2025-01-26 11:01   北京  

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ھال سوراپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ بارلىق مۈلكىي خادىملىرى، زاپاس خادىملىرى ۋە بارلىق خەلق ئەسكەرلىرىگە بەخت تىلىدى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-يانۋار شىمالىي ئۇرۇش رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، ۋىدېيو ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ھەم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ بارلىق مۈلكىي خادىملىرى، زاپاس خادىملىرى ۋە بارلىق خەلق ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلىدى.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل ئۆتۈپ كەتتى، لياۋنىڭ زېمىنى خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ شىمالىي  ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا بېرىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شىمالىي ئۇرۇش رايونىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار قىسىملىرى بىلەن ۋىدېيولۇق سۆزلەشتى. جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈسىنىڭ ۋەزىپە شۆبە ئەترىتى، شەرقىي ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى قىرغاقتىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم تۈەنىنىڭ نۆۋەتچى شۆبە ئەترىتى، ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم يىڭى، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى مەلۇم كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش پونكىتى، جېڭجۇ بىرلەشمە ئارقا سەپ تەمىنات كاپالەت مەركىزى ئاپتوموبىل تىرانسپورت مەلۇم تۈەنىنىڭ 2-يىڭى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى رىكازې تارماق ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 3-چوڭ ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ھەم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەرتىپ بويىچە دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چاغان يېتىپ كېلىدۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئېھتىماللىق بولغان تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم، تىنچ ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ،  ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
جاڭ يۇشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频|艾尼瓦尔·艾尔肯

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章