مەركەز رەھبەرلىرى پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

时事   2025-01-27 12:12   北京  

چاغان ھارپىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ، جۇ رۇڭجى، لى رۈيخۈەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، چېن چۈەنگو، گو شېڭكۈن، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، يۇ چۈەن، ۋاڭ بىڭچيەن، زۇ جياخۇا، پېڭ پېييۈن، لى تيېيىڭ، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رېدى، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، تاڭ جياشۈەن، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، جاۋ كېجى، خەن جۇبىن، جيا چۈنۋاڭ، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۈيشيەن، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، چى شۈچۈن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى ئايرىم-ئايرىم يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇلاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا چىن قەلبىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: «14-بەش يىل»لىق پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆزگىرىشكە سالماقلىق بىلەن يۈزلىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭىدىن پۇختا قەدەم تاشلىدى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن  قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频|艾尼瓦尔·艾尔肯

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章