شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن بولۇشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي لياۋنىڭغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا، يىلان يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچ-ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا، ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولۇشىغا، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!
شى جىنپىڭ 22-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خاۋ پېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى لى لېچېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خۇلۇداۋ ئارىلى، شېنياڭ، بېنشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، بازار، مەھەللە، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى.
شى جىنپىڭ 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن خۇلۇداۋ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئاپتوموبىل بىلەن بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا سۈيجۇڭ ناھىيەسى مىڭشۈي مانجۇ يېزىسى جۇجياگۇ كەنتىگە كەلدى. بۇلتۇر 8-ئايدا بۇ يەر ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئىدى، قىش كىرىشتىن بۇرۇن 41 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. شى جىنپىڭ كەنت ئېغىزىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەينى چاغدىكى ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كېتىش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئارقىدىن كەنت پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ ۋىدېيو، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى چوقۇم ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك يىل كۈنى ھەممە ئائىلىلەر چاغانلىق مەسنەۋى چاپلىدى. شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى جۇ شىسۈن، ۋاڭ باۋۋېينىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۆي قۇرۇلمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە چاغانلىق ماللارنىڭ تەييارلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا سېلىنىدىغان ئۆيلەرگە بېرىدىغان تولۇقلىمىسىنىڭ نەقلەشكەن-نەقلەشمىگەنلىكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ ئاساسلىقى قايسىلار ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. ۋاڭ باۋۋېي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرغاندا، ۋاڭ باۋۋېي باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆي ئازادە، ئىسسىق ئىكەن، چاغانلىق ماللار تولۇق تەييارلىنىپ بولدى، پۈتۈن كەنتتىكىلەر پارتىيەگە، باش شۇجىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن يەنە قانداق تەلىپى ۋە ئۈمىدى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار بىزنىڭمۇ ئۈمىدىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەڭگۈ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى.
كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، ئالقىش، تەنتەنە سادالىرى كىچىك تاغلىق كەنتنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، سىلەرنىڭ بۇ يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىمىزنىڭ بەزى جايلىرى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىدى. پارتىيەمىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئامما ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلايمەن!
شېنياڭ دادۇڭ قوشۇمچە يېمەكلىك سودا سارىيىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆزگىچە چاغانلىق تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. 23-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن دۇكاننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دۇكان ئىگىلىرى ۋە خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چاغان مەزگىلىدىكى بازار تەمىنات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، بەس-بەستە «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز» دەپ تەنتەنە قىلىشتى! شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «كۆكتات»، «ئاشلىق»، «مېۋە-چېۋە» خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ھازىر ماللار تولۇق، چاغاندا جەم بولۇشتا كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى، ساغلام يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئارقىدىن شى جىنپىڭ مەركەزلىك ئۆزگەرتىلگەن دادۇڭ رايونى چاڭئەن كوچىسى چاڭئەن مەھەللىسىگە بېرىپ، تۆت ئەۋلاد بىرگە ياشىغان لاڭ سۇلەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ يوقلىدى. شى جىنپىڭ مەھەللىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەرنى يېڭىلاشتا ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەھەللە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەممىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزدە تۇتۇش، بولۇپمۇ «ياشانغانلار، بالىلار»غا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك.
مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، بىر قىسىم مەھەللە ئاھالىلىرى چاغانلىق مەسنەۋى يېزىۋاتاتتى، بالىلار جۇڭگو تۈگۈچى توقۇۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ماختىدى، ئۇلارنى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ يەنە مەھەللىدىكى پېنسىيونېرلار نەي بىلەن ئورۇنلىغان مۇزىكىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈش يېڭى بىر يىلدا ياخشى باشلىنىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەممە ئائىلەلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشى كىشىلەر ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
مەھەللىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا ئاھالىلەر ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناۋاتتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ 23-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېنشىغا كېلىپ، ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىغا قاراشلىق بېنشى پولات تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3-سوغۇق پىروكاتلاش زاۋۇتىدا خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ كارخانىنىڭ مەركەزلىك كونترول قىلىش مەركىزىدە مەركەزلىك كونترول قىلىنىدىغان ئەقلىي سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، سېختا سوغۇق پىروكاتلاش ئىش تەرتىپى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلات ئىقتىدارى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ياش تېخنىكا تايانچلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياسىمىچىلىقتا ئالىيلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ پەن-تېخنىكا تەركىبى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىغا ئوخشاش دۆلەت ئىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
24-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، لياۋنىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، لياۋنىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا دادىل ئالدىدا مېڭىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ لياۋنىڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لياۋنىڭنىڭ سانائەت سىستېمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ زورايتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە كەسىپ ئاساسىنى قايتا بەرپا قىلىش ۋە زور تېخنىكىلىق جابدۇقلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشتا مۇھىمى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات ۋەزىپىسى قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك. ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا دىققەتنى مەسىلىگە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلمەكتە، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئېچىۋېتىش شارائىتىدا مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لياۋنىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، تەرەققىيات ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشنى ئاخىرغىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىپ، قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. مەدەنىيەتنىڭ ئەسلى ئىجادىيەت كۈچىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلق قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى قەتئىي ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش شەرت. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك، بۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا چىڭ تۇتۇش شەرت. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەقىقىي راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، پاك-تەلەپچان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، چاغانلىق تىرانسپورتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى خۇشال، تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
خې لىفېڭ ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى»
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.
(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
翻译|伊明司马义
校对|帕提古丽买买提
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com