خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىش، نامراتلىشىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.
چاغان مەزگىلىدە، شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى بازىرى لياڭجياخې كەنتىدىكى دېھقانلار ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىدى. ئەمدىلا كېڭەيتىپ رېمونت قىلىنغان ئاسفالت يول كەنتكە تۇتاشتۇرۇلدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قىزىل پانۇسلار قويۇق چاغان كەيپىياتى قوشتى.
2015-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى يېزىغا چۈشكەن شەنشىنىڭ لياڭجياخې كەنتىگە بېرىپ، يۇرتداشلارنى يوقلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى يېزىغا چۈشكەن چاغدىكى ئۆي ئىگىسى ليۇ جىنليەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدى. ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە ليۇ جىنليەننىڭ قەلبى ئىللىپ كەتتى.
ليۇ جىنليەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى ناھايىتى ئەستايىدىل ئەھۋال سورىدى، مەندىن: «ھالىڭىزدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ سۇ ئىچىش مەسىلىڭىز ھازىر قانداق بولدى؟ دەپ سورىدى. مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ، باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا كونا ئىنقىلابىي رايونلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىمىسا، مۇكەممەل بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىكى يۇرتداشلارنى يوقلىغان كۈنى شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكتە مۇھىمى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك». كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش كېرەك.
بۈگۈنكى لياڭجياخې يەنە يېڭى قىياپەتكە كىردى. يۇرتداشلار «كەسىپ قاچىسى»نى چىڭ تۇتتى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنتتىكى 900 مودىن ئارتۇق مېۋىلىك باغدا رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىر يىللىق ساياھەت كىرىمى تەخمىنەن ئالتە مىليون يۈەنگە يەتتى. لياڭجياخې كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ باۋشيۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تاغدا ئالمىلىق باغنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، بىزدىمۇ يورۇقلۇق ۋولت كەسپى بار، جىلغا ئاستىدا يەنە كۆكتات پارنىكى بار، ئون نەچچە زامانىۋى ئۆلچەملىك باقمىچىلىق مەيدانى بار. كېيىنكى قەدەمدە تاشقى ھەمكارلىقنى باشلاپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىر مىللەت، بىر ئائىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. 2018-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى سەنچاخې يېزىسىنىڭ سەنخې كەنتى ۋە جېفاڭ يېزىسىنىڭ خوپۇ كەنتىگە بېرىپ، نامرات ئاممىنى يوقلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ تۇتقان يولى سوتسىيالىزم، سوتسىيالىزم خەلقنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىرەر مىللەت، بىرەر ئائىلە، بىرەر ئادەممۇ قېلىپ قالماسلىقى كېرەك.
جاۋجۆ ناھىيەسى ئازادلىق يېزىسى خوپۇ كەنتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلىگەن كەنت. ئەينى يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىدىئېرزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، تۇرالغۇسىنىڭ ئىقتىدار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يەتتە يىل بۇرۇنقى مەنزىرە ھېلى-ھەم جىدىئېرزىنىڭ ئېسىدە.
جىدىئېرزى مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىمىز، قانداق كىيىنىۋاتقانلىقىمىزنى ناھايىتى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ھازىر، مەن يىل بويى پارنىكلاردا ئىشلەپ پۇل تاپىمەن، بالىلىرىممۇ دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چېكى، ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. 2021-يىلى 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا: نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك».
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 832 ناھىيە ئىككىدىن ئۈچكچە يېتەكچى كەسىپنى يېتىلدۈردى. خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكۇ شەھىرى جاڭبېي ناھىيەسى شياۋئېرتەي بازىرى دېشېڭ كەنتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 300 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىش رايونى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى قۇرۇلدى.
دېشېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يې رۈنبىڭ مۇنداق دېدى: ياڭيۇ كەنتىمىزنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، يىللىق ئۈنۈمى 12 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. يەنە 2600 مودىن ئارتۇق بىكار يەردىن پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن يورۇقلۇق ۋولت ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا جەلپ قىلدۇق، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن يەر ئىجارە ھەققى ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىش ھەققى كىرىمى قىلالايدۇ.
ھازىر «يېزا ئىگىلىكى+» مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرى كۈنسېرى جانلاندى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: ياردەم بېرىش-يۆلەش كەسپىنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولىدىغان خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، «ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
翻译|伊明司马义
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com