مەھەللىنى كۆڭۈل ئەمىن تاپىدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

时事   2025-01-31 10:35   北京  


مەھەللىنى ئاھالىلەر ئەڭ خاتىرجەم بولىدىغان، كۆڭلى ئەڭ ئەمىن تاپىدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك


خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا كىچىك ئىش يوق، نۇرغۇن خىزمەت ئاساسىي قاتلامدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش جۇڭگوچە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، بۇ ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئۆينىڭ سىرتى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئۆي ئىچى  خۇددى باھاردەك ئىللىق ئىدى. چاغاننىڭ 2-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى چاڭئەن مەھەللىسىدىكى مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئاھالىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، مەخمەل گۈل ياساپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى. بۇ يىل چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل مۇشۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. مەھەللە ئاھالىسى گو جيې مۇنداق دېدى: بەك ھاياجانلاندۇق،  ھەممەيلەننىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكۈسى بار ئىدى. بۇ كونا مەھەللە، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن باش شۇجى كۆپچىلىكنى يوقلاپ كەلدى، بۇ بىزگە ناھايىتى زور تەسەللى بولدى. 

ۋاقىت قۇرۇلغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان دادۇڭ رايونى چاڭئەن كوچىسى چاڭئەن مەھەللىسىدە نۇرغۇن ئىزنالارنى قالدۇردى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەركەزلىك ئۆزگەرتىش مەھەللىنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭىلىدى، كۆز ئالدىمىزدىكى  فۇنكسىيەسى تولۇق، يورۇق، پاكىز مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى پار قازان ئۆيىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان بىر قاتار ئىنچىكە لايىھەلەر ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى. مەھەللە ئاھالىسى لۇ جۈن مۇنداق دېدى: مەھەللىنى ئۆزگەرتىش كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى: بىز بۇ يەرگە كەلگەندە، مەن رەسىم سىزىشنى، دېكلاماتسىيە قىلىشنى ئۆگەندىم، ۋاقتىم بوش قالمىدى؛ بەخت ئاشخانىسىدىكى بۇ تاماقلار ياشانغانلارغا بەك ماس كېلىدۇ، يۇمشاق-قاتتىقلىقى ماسلاشقان، باھاسى ئەرزان؛ بوش مەيداندا بازار ئېچىلدى، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ناھايىتى قولايلىق، بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. 

كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىگە، شۇنداقلا شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى بۇ يەردە خىزمەت تەكشۈرگەندە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە: ھەممەيلەننىڭ سىلەرگە باش بارمىقىنى چىقارغانلىقى ئەڭ ياخشى باھا، دېدى. بۇ مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋ شۆنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئاھالىلەر بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزگەرتىش تىلغا ئېلىنسىلا ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر يەنە كۆچۈپ كەلدى، مەن بۇ يەردە ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، كۆڭۈل ئاچالايدىغان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

مەھەللە گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللە خىزمىتىنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. 2021-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى گۇيجۇ گۇيياڭدىكى جىنيۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەھەللىنى ئاھالىلەر ئەڭ خاتىرجەم بولىدىغان، كۆڭلى ئەڭ  ئەمىن تاپىدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇ يىل چاغاندا مەھەللىدىكى قېرى-ياش ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئويۇن كۆرۈپ، تېپىشماق تېپىپ، كەشتە تىكىشنى ئۆگىنىپ، كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. 

جىنيۈەن مەھەللىسى دىققەتنى «ياشانغانلار، بالىلار»، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشكەن، دەل جايىدا  بولغان مۇلازىمەتنى كۈچەيتتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت پونكىتى، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ياشانغانلار مەكتىپى ئېچىپ، مەھەللىنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. جىنيۈەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن چىن مۇنداق دېدى: تۆت يىلدىن بۇيان، بىز خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى 192 تۈرگە كۆپەيتىپ، كۆپچىلىكنى ئۆيىدىن چىقمايلا «ئىش بېجىرىش، ئىشىنى ياخشى بېجىرىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. بىز يەنە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى داۋاملىق كەڭ دائىرىدە ئىگىلەپ، مۇلازىمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. 

مەھەللە ئاساسىي قاتلام ئاپتونومىيەسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسى. چاغاننىڭ ئالدىدا، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى گۇاڭمىڭ مەھەللىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدىكى تىكتاك توپ پائالىيەت ئۆيىدە بىر نۆۋەتلىك كەسكىن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ مەھەللىدىكى «تىكتاك توپ پارتىيە ياچېيكىسى» ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭمىڭ مەھەللىسى پارتكومى «قىزىقىش تىپىدىكى» ئىجتىمائىي تەشكىلات پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلىپ، تەشكىلات ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. گۇاڭمىڭ مەھەللىسى تىكتاك توپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: ھەم بەدەن چېنىقتۇرىمىز، ھەم خۇشال بولىمىز. پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولسا، كۆپچىلىك ئىناق ئۆتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى چاغان ھارپىسىدا گۇاڭمىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، «پارتىيە تەشكىلاتىنى مەھەللىنىڭ ھەقىقىي باشلامچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش»نى تەلەپ قىلدى. گۇاڭمىڭ مەھەللىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يادروسى قىلىشتا چىڭ تۇردى، بەخت ئاشخانىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن تارتىپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئايرىشقىچە، چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىك كېڭىشىش مېخانىزمى ۋە دېموكراتىك كېڭىشىش مېخانىزمىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاھالىلەر ئۆزى بېلەت تاشلاپ قارار قىلدى. گۇاڭمىڭ مەھەللىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۈ مېيمېي مۇنداق دېدى: بىز ئىشتىن بۇرۇن خەلقتىن ھال-ئەھۋال سورىدۇق، ئىش جەريانىدا خەلقتىن ئەقىل سورىدۇق، ئىشتىن كېيىن خەلقتىن ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى سورىدۇق، پۈتكۈل جەرياننى خەلققە چۈشەندۈردۇق. بىز «پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت مەھەللە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەھەللە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىمىز، ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، تېخىمۇ ئادىمىيلەشتۈرىمىز. 

چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈش يېڭى بىر يىلدا ياخشى باشلىنىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشى كىشىلەر ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭمىڭ مەھەللىسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە  مۇنداق دېدى: «بۇنداق بايرام مەنزىرىسىنى، خۇشال-خۇرام كەيپىياتنى كۆرۈپ، مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىناق، بەختلىك بولۇشى خىزمەتلىرىمىزنىڭ كۈرەش نىشانى»





来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

翻译|伊明司马义

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章