شىنجاڭنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىكى ھاۋارايىدىن مەلۇمات

时事   2025-02-01 19:00   北京  

2-فېۋرال كۈندۈزدىن كېچىگىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئۇدا تۇمان  بولىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

3-فېۋرالدىن 4-فېۋرالغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئىنلۇن تېغىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلار، سانجى ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5~6 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ سارغۇسىن ۋە مايتاس شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا داۋاملىق تۇمان بولىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.






ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەڭ ئالقىشلق جايلار







来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对:艾尼瓦尔·艾尔肯

翻译视频|米克丽古丽·胡达白尔

微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔




www.uycnr.com



中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章