چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەڭ ئالقىشلق جايلار

时事   2025-01-31 19:01   北京  

 بېيجىڭ شەھەرلىك باغچە باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشچە، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق 12 باغچە 225 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان، تيەنتەن، يىخېيۈەن، جىڭشەن باغچىسىغا بارغان ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بولغان. ھەر قايسى باغچىلار مول مەزمۇنلۇق چاغانلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە چاغانلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.

چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شۇ كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 23 مىليون 832 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 5 مىليون 592 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %23.5 نى ئىگىلىگەن.

شەنشى ئۆلكىسى بويىچە نۇقتىلىق ئىستاتىستىكا قىلىنغان 51  ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىچىدە، باۋجى فامېن مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى، يەنئەن خۇاڭدى قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونى، شىئەن شەھەر سېپىلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق بەش مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.




ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

چاغاندا شياڭگاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ-كېلىدىغانلار كۆپەيدى

زاخاروۋا خەنزۇچە چاغانلىق سالام يوللىدى

مەھەللىنى كۆڭۈل ئەمىن تاپىدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك




来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对 | 古丽拜克拉木·穆合塔尔

翻译视频|伊力都斯·亚森

微信编辑|伊力都斯·亚森




www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章