دېھقانلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئازسانلىق مىللەتلەر تىلى پىروگرامما مەركىزى 26-يانۋار سائەت 20:00 دە «ئىللىق چاغان، غەيرەت قىل دىڭرى» ئالاھىدە پىروگراممىسىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا، ئۇلار بىر تۇققان قېرىنداشلاردەك، ئىللىق ھېكايىلىرى ئارقىلىق بىزنى تەسىرلەندۈردى: «ئىسسىق قورۇمىلارنى پۇقرالارغا قالدۇرۇپ قويايلى» « ئازادلىق ئارمىيە ياخشى» «سىزگە شىزاڭنىڭ سۈيىنى بېرەي» «چوڭ بولغاندا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولىمەن» «مەن سىزنى ساقلايمەن» «قانچىلىك پولۇ ئېتەلىسەم شۇنچىلىك ھېساب، ئاپەت رايونى ئېھتىياجلىق بولسىلا بىز تەييار» ......
خاڭگەي مۇزىكا ئەترىتى، رۇڭجۇڭ ئېرجيا، پۇباجيا، جاشى پىڭسو، جاشى دۇنجۇ، سىرېن ياڭزۇڭ، خۇسىلىڭ، خالىن، ئەركىن ئابدۇللا، زىلەش مۇتەللىپ قىزى، سۈي زىگېلار توردا ناخشا ئېيتىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ شەخسلەرگە ئىللىق ناخشىلىرى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.
26-يانۋار سائەت 20:00 دە، پىروگرامما مەركەز ۋىدېيوسىنىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرى» سۇپىسىدا كۆرسىتىلىدۇ!
بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى ئالدىن كېلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاپەت بولغان رايوندىكى ئامما، قۇتقۇزۇش خادىملىرى، پىدائىيلارغا كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى كۈيى ياڭرىتىلىدۇ.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
چاغاندابالىلارھەمراھسىزئايروپىلانغائولتۇرسائايرىم ھەق ئېلىنامدۇ؟
ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ بېقىڭسوغۇق ئېقىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆستۈرۈلدى!
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
校对 | 古丽拜克拉木·穆合塔尔
翻译|伊力都斯·亚森
微信编辑|伊力都斯·亚森
www.uycnr.com