گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتمىسى

时事   2025-01-23 19:02   北京  

 



گۇڭئەن مىنىستىرلىقى چاغانلىق تىرانسپورت شوپۇرلىرى، چاغاندا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىدىغان شوپۇرلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى




گۇڭئەن مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

1.سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن، چوقۇم يول قاتناش ئەھۋالى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىنى ئالدىن ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، قاتناش بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن باشقا ۋاقىتتا سەپەرگە چىقىشنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىلنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

2.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش، قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ئاستا ماڭىدىغان يول بۆلىكىگە يولۇققاندا، سەۋرچان بولۇش، خالىغانچە قىستۇرۇلۇپ كىرمەسلىك كېرەك، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يولىنى ئىگىلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

ئەگەر قاتناش ھادىسىسى ياكى ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلسە، ئاپتوموبىلنى دەرھال يول بويىغا يۆتكەپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك.

3.شەھەر يوللىرىدا يول يۈرگەندە، ھەر ۋاقىت يول ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، بىخەتەر سۈرئەتنى ساقلاش، بولۇپمۇ سىگنال چىرىغى يوق يول ئېغىزى ياكى پىيادىلەر توغرا يول سىزىقىدىن ئۆتكەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.






ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 160 نەچچە كىشى قۇتقۇزۇلدى

تۈركىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 76 كىشى قازا قىلدى







来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对:艾尼瓦尔·艾尔肯

翻译视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔




www.uycnr.com



中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章