شۇ يەر ۋاقتى 24-يانۋار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 27-ماي سايلام ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ بوش قالغان سودىيەلىك ئورنىنى تولۇقلاپ سايلاش قارارىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
گوللاندىيەنىڭ گائاگاغا جايلاشقان خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 14-يانۋار لىۋاننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن ناۋاف سالامنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە سودىيەلىك ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ناۋاف سالام شۇ كۈنى ئەتىگەندە لىۋاننىڭ يېڭى زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇيرۇققا بىنائەن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئۇنىڭ سودىيە ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتى ئەسلىدە 2027-يىلى 5-فېۋرال توشاتتى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
چاغاندابالىلارھەمراھسىزئايروپىلانغائولتۇرسائايرىم ھەق ئېلىنامدۇ؟
رۇسىيە: ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان ئايروپىلانلارنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
翻译、视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|伊力都斯·亚森
www.uycnr.com