شى جىنپىڭ سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى

时事   2024-11-02 10:58   北京  


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-نويابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-نويابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭنىڭ گۇۋاھلىقىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سېن خاۋخۇيغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلەش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەننىڭ 794-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى بەردى.

شى جىنپىڭ سېن خاۋخۇينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش مەيدانىڭىز مۇستەھكەم، سىز قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتىڭىز. سىز باش مەمۇر سايلىمىغا قاتناشقاندىن بۇيان، خەلقپەرۋەر، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىدىغان ياخشى ئوبرازىڭىزنى نامايان قىلدىڭىز، سايلامغا قاتنىشىش سىياسىي پىروگراممىڭىز ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەڭىز ئاۋمېننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، كەڭ ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. سىز باش مەمۇر سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلاندىڭىز، بۇ ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ سىزنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەركەز سىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، سىزگە تولۇق ئىشىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» دۆلەت، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، ئاۋمېننىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى تۈزۈم. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاساسىي قانۇن ۋە ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مەركەز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى داۋاملىق تولۇق، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى. بۇ ئاۋمېننىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلىشىشقا سىڭىشىشى، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. باش مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش ئېغىر مەسئۇلىيەت، ئۇنىڭغا مەركەزنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ زور ئۈمىدى يۈكلەنگەن. سىزنىڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىڭىزگە ئېلىپ، بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىڭىزگە ئېلىپ ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

سېن خاۋخۇي مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى تولۇق، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىۋى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى بىلدۈردى. 

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، شى تەيفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|伊明司马义

翻译|帕提古丽买买提

视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章