شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

时事   2024-11-29 11:19   北京  


 شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇپ، تەمىنات-سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، لى چياڭ تەستىق سالدى

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەمىنات-سودا كوپىراتىپى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ كۈچتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ، دېققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپىلارنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، تەمىنات-سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، تىرىلمە بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 28-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەستىقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىللىق شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە تەمىنات-سودا كوپىراتىپى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش باش مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەمىنات سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشى كېرەك.

يىغىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەمىنات سودا كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى بىرلىكتە تەقدىرلىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى 1954-يىلى قۇرۇلغان. 70 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى پۈتۈن مۇساپىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە، ھەر تەرەپلىمە شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمىتىگە كېڭىيىشنى، ئۇنىۋېرسال، كۆلەملەشكەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|伊明司马义

翻译|帕提古丽买买提

视频、微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章