شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر ماركسىزم نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، سەي چى ماركسىزم نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى دەۋر ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئىدىيە-نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش. 20 يىلدىن بۇيان، قۇرۇلۇشتا باشتىن-ئاخىر مەركەز چۆرىدىلىپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىنىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئىلمىي نەزىرىيەلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىجادىي نەزەرىيىسىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدىكى زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 29-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
سەي چى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى، رولى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى، تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇلۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەمىمىي ئۈمىدى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋر قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىن ئېتىلدى.
سەي چى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتە قۇرۇش، پارتىيەنى نەزەرىيە جەھەتتىن كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئۆزلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئىلمىي نەزىرىيەلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىي مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئىجادىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيىنىڭ ئىجادىي نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئۇقۇم، ئىجادىي نەزەرىيىنى سىستېمىلىق تاۋلاپ ۋە يەكۈنلەپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەردە مۇستەقىل بىلىم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىلىم ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلىشى كۈچلۈك، باشقۇرۇشى ئىلمىي، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى، قۇرۇلۇش مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى، نەزەرىيە خىزمىتى سۇپىسى ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، قۇرۇلۇشقا مەسئۇل ئورۇنلار، مەركەز تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قۇرۇلۇش مەسلىھەت كومىېتىتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار، يەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى»
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.
(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
校对|伊明司马义
翻译|帕提古丽买买提
视频、微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com