شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

时事   2024-11-08 11:21   北京  


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ياخشى قوشنىلار بولۇپلا قالماي، يەنە مەسلەكداش ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. بۇلتۇر 3-ئايدا، سىز زۇڭلى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدىڭىز، بىز جۇڭگو-مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئۆز دۆلەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-مالايسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو-مالايسىيا دوستلۇق يىلى»نى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو مالايسىيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى دۆلەت قوش باغچە رايونى» قاتارلىق بايراقدار تۈرلەرنى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقل، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، نامراتلارنى ئازايتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. مالايسىيانىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالايسىيانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن ئالىي مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مالايسىيا دوستلۇقى، خەلق رىشتىسىنى چىڭىتىشنى خالايدۇ. مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يادرو قىلغان ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولغان جۇڭگو بىلەن مالايسىيا خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، قورۇقچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو مالايسىيانىڭ كېلەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركەزلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىشىنى قوللايدۇ، رايون تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىي ئېقىمىنى ياخشى قوغدايدۇ.

ئەنۋەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ كەڭ قۇرساق بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى ھەم «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى+» ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا يىراقنى كۆرەر پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى، بەخت-سائادىتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئەقىل-پاراسىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مالايسىيا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەر تەكلىپى ۋە تەشەببۇسىنى تەرىپلەيدۇ، قوللايدۇ. مالايسىيا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. مالايسىيا جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن قايىل قىلارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مالايسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدىكى ئىدىيەسى ئوخشاش، مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مالايسىيا ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|伊明司马义

翻译|帕提古丽买买提

视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔

微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔



www.uycnr.com

中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章