يېقىندا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان سۇپىسىدا ئاشكارىلىنىشىچە، جاڭ فامىلىلىك ئىلگىرى مەلۇم دۆلەت ئورگىنىنىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان مۇھىم خادىمى بولۇپ، خىزمەت جەريانىدا دۆلەتنىڭ نۇرغۇن مەخپىيەتلىكى بىلەن ئۇچراشقان. خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىگە تارتىدىغان مۇھىم نىشانى بولۇپ قالغان، بوشاڭ، پۇلنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان جاڭ فامىلىلىك قارشى تەرەپنىڭ «ياغاچ قونچاق»غا ئايلىنىپ قالغان.
جۇ فامىلىلىك جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئىلگىرى ياخشى ئۆتىدىغان خىزمەتدىشى بولۇپ، جاڭ فامىلىلىك خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن يەنىلا قويۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. جۇ فامىلىلىك جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆزى بىلەن دائىم ئۇچرىشىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. جۇ فامىلىلىك ئېھتىيات قىلماي ئۆزى بىلىدىغان دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھەتتا مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان يىغىن ماتېرىياللىرىنىمۇ جاڭ فامىلىلىككە ئاشكارىلاپ قويغان.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ فامىلىلىكنىڭ چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنى نۇرغۇن مۇتلەق مەخپىي، مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىدى. جاڭ فامىلىلىك قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، جۇ فامىلىلىك قانۇن بويىچە مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قۇشقا سوقۇلۇپ كەتتى
ئايال زەھەر ئەتكەسچىسى"يالغان ئۆلۈپ" 9 يىلدىن كېيىن يەنە تۇتۇلدى
来源:中央广播电视总台
监制|库尔班妮莎
翻译、视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|伊力都斯·亚森
www.uycnr.com