يېقىندا «دادىسىغا ۋاكالىتەن قەرز سۈيلەشتە ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش دېلوسى»دىكى دەۋالاشقۇچى لىن شۇمىڭ بىلەن لىن شۇمىن لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرى شيۇيەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى 29-ئۆكتىەبىر چىقارغان «دۆلەت تۆلەم قارارنامىسى»نى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ دېلودا لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرى شيۇيەن ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى «جىنايەت پاكىتى ئېنىق بولماسلىق، دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك بولماسلىق» سەۋەبىدىن دەۋالاشقۇچى لىن شۇمىڭ ۋە لىن شۇمىننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. شيۇيەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، لىن شۇمىڭنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان كۈن سانى 1095 كۈن، لىن شۇمىننىڭ قاماپ تۇرۇلغان كۈن سانى 1278 كۈن بولۇپ، لىن شۇمىڭنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش تۆلەم پۇلى، روھىي زىيان تەسەللى پۇلى بولۇپ جەمئىي 658 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى قارار قىلغان، لىن شۇمىننىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش تۆلەم پۇلى، روھىي زىيان تەسەللى پۇلى بولۇپ جەمئىي 768 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى قارار قىلغان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制:阿尔帕提·玉山江
翻译、视频:古丽茹孜·苏来提
微信编辑:古丽茹孜·苏来提
www.uycnr.com