مارالبېشى ناھىيەسىدە بىر ئايال زەھەر ئەتكەسچىسى ساختا ئۆلۈم ئىسپاتى ئارقىلىق قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ، توققۇز يىلدىن كېيىن يەنە تۇتۇلدى.
2012-يىلى 7-ئايدا دى× زەھەر يۆتكەش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە، دى×نىڭ تۇغقانلىرى قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىش ئۈچۈن، ئەX بىلەن ئاXنىڭ ساختا ئۆلۈم ئىسپاتى ياساپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغان، ئاX ناتوغرا يوللار ئارقىلىق دى×نىڭ ئۆلۈم ئىسپاتىغا ئېرىشكەن. ئەX بۇنىڭغا ئاساسەن دى×نىڭ نوپۇسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ، دى× توققۇز يىل قانۇن سىرتىدا يۈرگەن. 2021-يىلى 5-ئايدا دى× كۈنمىڭ شەھىرىدە قولغا چۈشكەن، ئۇ زەھەر يۆتكەش جىنايىتى بىلەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2024-يىلى 9-ئايدا ئە× بىلەن ئا× زەھەر جىنايەتچىلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن ئەيىبلەنگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制|艾司哈尔·图送
翻译、视频|米克丽古丽·胡达白尔地
微信编辑|米克丽古丽·胡达白尔地
www.uycnr.com