«بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

时事   2024-11-11 11:27   北京  

«شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ،  پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسىي شەرت. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيىتى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئاچتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 286 بۆلەك بايان كىرگۈزۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 12-ئايدىن 2024-يىلى 10-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، چۈشەندۈرۈشى، تەبرىك خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 150 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿布都拉·毛拉

翻译|阿地力·阿布来提

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章