شى جىنپىڭ پاراشۇتچى قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى

时事   2024-11-06 11:32   北京  

شى جىنپىڭ پاراشۇتچى قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پاراشۇتچى قىسىمنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان پاراشۇتچى  قىسىم  قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-نويابىر پاراشۇتچى قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاراشۇتچى قىسىم ئارمىيەمىزنىڭ كۈچ سىستېمىسى ۋە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پاراشۇتچى قىسىمنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان پاراشۇتچى قىسىم قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
كەچ كۈز مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە پاراشۇتچى قىسىم ئورگىنىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پاراشۇتچى قىسىمدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، پاراشۇتچى قىسىمنىڭ ئۇرۇش ۋە كاپالەت جابدۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، تىپىك قورال جابدۇقلارنىڭ تېخنىكىلىق، تاكتىكىلىق ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاراشۇتچى قىسىمنىڭ قورال-جابدۇق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇرۇش ئېھتىياجىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پاراشۇتچى قىسىم جابدۇقلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش، ھەممىبابلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي جەڭدە قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى پاراشۇتچى قىسىم جابدۇقلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئارقىدىن شى جىنپىڭ پاراشۇتچى قىسىم تارىخىي سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ قىسىم تارىخى ئۇزۇن، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك قەھرىمان قىسىم بولۇپ، ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى شاڭگەنلىڭ ئۇرۇشىدا دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلغان، تىنچلىق قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى كۆرۈنەرلىك ئورۇندىغان، زور بىر تۈركۈم قەھرىمان كوللېكتىپ ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلگەن. شى جىنپىڭ كۆرگەزمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ كۆپچىلىككە قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كوماندىر-جەڭچىلەرنى شەرەپلىك ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر قەھرىمانلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى تاپىلىدى.
شى جىنپىڭ پاراشۇتچى قىسىمنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پاراشۇتچى قىسىم قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى ھەم چىڭ، ھەم ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى پاراشۇتچى قىسىم كۈچىدىن پايدىلىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، پاراشۇتچى قىسىم ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، ئۇرۇش شەكلى ۋە ئەسكىرىي كۈچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پاراشۇتچى قىسىمنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي مەشىق ۋە مۇھىم، قىيىن تۈرلەردە مەخسۇس، ئىخچام مەشىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى مۇرەككەپ، قىيىن شارائىتقا قارىتىپ، پۈتۈن ئامىللىق، سىستېمىلىق، ئەمەلىي مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، باشقا ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرى بىلەن ماسلىشىپ مەشىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش مەشىقىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش، بىرلەشمە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىستېما قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاراشۇتچى قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ پاراشۇتچى قىسىم قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، جەڭگىۋار كۈچ ھاسىل قىلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پاراشۇتچى قىسىمنىڭ جەڭ قىلىشتىكى يادرولۇق ئىقتىدارىنى چىڭ تۇتۇپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا قەرەلىدە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاراشۇتچى قىسىم قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، نىشان خەرىتىسى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاراشۇتچى قىسىم قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم-تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارلىق كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇپ، كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قەھرىمان قىسىمنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پاك، شەرەپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋار روھنى يېتىلدۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش ۋە قاتتىق چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاراشۇتچى ئەسكەرلەرگە خاس جاسارەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇنتىزىم تەرتىپنى ساقلاپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مەركەزلىك بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پاراشۇتچى قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|巴哈提亚尔·图尔地

校对|伊明司马义

翻译|帕提古丽买买提

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章