دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن، شەخسىي ئىستېمالچىلار 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئوچاق، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى سېتىۋالسا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمى مەھسۇلاتنىڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە بولىدۇ.
سۇنىڭ يىگوۋ شىركىتى ھۆكۈمەتنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشتا %20 تولۇقلىما بېرىش ئاساسىدا، ئومۇمىي جەھەتتىن %50 ئېتىبار بەردى. تيەنماۋ نەچچە مىڭ داڭلىق ماركا بىلەن بىرلىشىپ ئالتە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۈر بېلىتى تارقىتىش، داڭلىق ماركا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسى «ئۈچ يىلدا بىر مىليارد يۈەنلىك يېشىل توك تولۇقلىمىسى پىلانى»نى يولغا قويدى، ئۈچ يىل ئىچىدە چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىگە بىر مىليارد يۈەن يېڭى تولۇقلىما بېرىدۇ.
دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن، كونا ئاپتوموبىلنى بىراك قىلغان ھەمدە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالسا 10 مىڭ يۈەن، ماي يېقىلغۇلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالسا 7000 يۈەن تولۇقلىما بېرىشتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەن ۋە 15 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ساماۋار شورپىسى يېيىشكە ئامراقلار دىققەت
ئىران: ئىسرائىلىيەگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىنكاس قايتۇرىمىز
ئاياللار 35 ياشتىن بۇرۇن تويغا تىزىملاتسا 1500 يۈەن بېرىلىدۇ
来源:中央广播电视总台
监制|艾司哈尔·图送
翻译、视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com