شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىلھاملاندۇردى

时事   2024-11-04 10:30   北京  

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كادىرلار ۋە ئاممىنى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۇلار: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇزاققىچە پۇختا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى  سۈرىمىز، دېدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى، نەزەرىيە نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى داۋاملىق يارىتىش قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇختا ئاساس ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلەندى.
مالىيە مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ زېيۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزنى پۇختا ئاساس ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇن مالىيە تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىمىز ۋە تاكومۇللاشتۈرىمىز.
دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ چاۋخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى داۋامىدا كۆرۈلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىسلاھاتنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا چەكلىمە بولىدىغان توسۇق نۇقتا ۋە توسالغۇلارنى ئېچىپ، تىجارەت ئاساسى گەۋدىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىمىز ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، زور ئىسلاھاتلاردا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى باراۋەر قوغداش كېرەك.
مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى قانۇنچىللىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور ئىسلاھاتلاردا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، جاھىل ئۆسمىلەرنى يوقىتىشتا بىپەرۋالىق قىلماي، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پۇختا ئىگىلەش، باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش شەرت بولغان مۇھىم پىرىنسىپ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىسلاھات باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر باش نىشاندا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك.
شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ خەيئاۋ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزگە زىممىزدىكى ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، دېدى.
جياڭشى نەنچاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى شىڭ: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىمىزنى كۈچەيتتى، ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتتى، ئەل رايىنى مۇجەسسەملىدى، دېدى.
گەنسۇ لەنجۇ يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن جىيەنشەن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تايانچى قىلىپ، ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز. 





来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿布都拉·毛拉

翻译|阿地力·阿布来提

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章