«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1-نويابىردىكى 21-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ ئاساسلىق خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، بۇ ئاساسلىقى: پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى قىلىشتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، تەرەققىياتقا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇشتا، ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىشتا، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئائىلە ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىشى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى»
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.
(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
校对|伊明司马义
翻译|帕提古丽买买提
视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com