ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى قانۇن لايىھەسىنىڭ 3-قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. لايىھەدە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ بالىلارغا خاتا مۇئامىلە قىلغاندا جازالىنىدىغان ئۈچ خىل ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:
1) بالىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش.
2) بالىلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، خورلاش، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش.
3) كەسىپ ئەخلاقى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ناچار ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئەھۋالغا قارىتا تۇرۇشلۇق يەسلى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ئەھۋالغا قاراپ توختاملاشقۇچىلارغا، يەسلى مەسئۇللىرىغا چارە كۆرىدۇ، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى ياكى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى بىلەن مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ھەتتا ئۆمۈرلۈك شۇغۇللىنىشىنى ياكى يەسلى قۇرۇشىنى مەنئى قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئۈرۈمچىدىكى بۇ كىشىلەر ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئالىدۇ
مەكتەپ ئەتراپىدا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى سېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك!
来源:中央广播电视总台
监制:阿尔帕提·玉山江
翻译、视频:奴孜古力·依米尔
微信编辑:奴孜古力·依米尔
www.uycnr.com