شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى يەرگە قوندى

时事   2024-11-04 10:30   北京  

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت بىردىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە شەرق شامىلى قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، نەق مەيداندىكى تېببىي تەكشۈرۈش، تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى يې گۇاڭفۇ، لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت نۆلدىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش كونترول مەركىزى يەر يۈزى كۆزىتىش-كونترول قىلىش پونكىتى ئارقىلىق قايتىش بۇيرۇقى چىقارغان، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئوربىتا بۆلمىسى بىلەن قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان. ئارقىدىن، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش تورمۇز موتورى ئوت ئالدۇرۇلغان، قايتىش بۆلمىسى بىلەن ئىتتىرىش بۆلمىسى ئايرىلغان، قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان، قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى نىشاننى ۋاقتىدا بايقاپ، قونۇش نەق مەيدانىغا يېتىپ بارغان. قايتىش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن، تېببىي تەكشۈرۈش، تېببىي كاپالەت خادىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى جەزملەشتۈرگەن.
شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلگەن، ئارقىدىن تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ بىرىكمە گەۋدە ھاسىل قىلىنغان. ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا 192 كۈن تۇردى، بۇ مەزگىلدە ئىككى قېتىم بۆلمىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىر قېتىم بۆلمىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ ۋاقىت رېكورتىنى يېڭىلىدى، بوشلۇق پونكىتىنىڭ بوشلۇق پارچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش ۋە كۆپ قېتىم يۈكنى بۆلمىدىن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۆلمىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەپ سىناش، ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئوربىتىدا مۇقىم يۈرۈشۈشى ئۈچۈن قىممەتلىك سانلىق مەلۇمات ۋە تەجرىبىلەرنى توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يەر يۈزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى ئاساسىي فىزىكىسى، بوشلۇق ماتېرىيال ئىلمى، بوشلۇق ھاياتلىق ئىلمى، ئالەم قاتنىشى مېدىتسىناسى، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن بوشلۇق ئىلمى تەجرىبىسىنى تاماملىدى.
پىلانغا ئاساسەن، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ئومۇميۈزلۈك تېببىي تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكىنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بېيجىڭدا ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشىدۇ.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章