1974-يىلى باھاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يوليورۇقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاز سانلىق مىللەت ئۇچقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئارىسىدىن، ئوقۇش يېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىدىن 100 ئادەم تاللىنىپ، ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم ئاۋىئاتسىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. جىسمانىي ئىقتىدار ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇلار ئىچىدىكى 20 نەچچە ياش كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى. ئۆتكۈر ئەلى دەل شۇلارنىڭ بىرى.
ئۆتكۈر ئەلى جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئۇچقۇچىسى.
بۇ يىل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرلىرىمىز ئۆتكۈر ئەلىنى زىيارەت قىلدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制|艾司哈尔·图送
策划|古再力奴尔·肉孜、伊力都斯·亚森
编导|伊力都斯·亚森
记者|伊力都斯·亚森、阿布都哈力克·艾麦提
摄影|阿布都哈力克·艾麦提、伊力都斯·亚森
视频 | 伊力都斯·亚森
字幕 | 娜丽卡孜(乌鲁木齐广播电视台)
微信编辑|伊力都斯·亚森
www.uycnr.com